رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، ئەڭ ئاز دېگەندە 20 كىشى يارىلاندى.

1316413
رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن (2-دېكابىر) ئىدلىب شەھەر مەركىزى بىلەن جەنۇبىدىكى كەفەر سەجنە ۋە ھىراكى يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى. بومباردىماندا، بىر مەھبۇس ۋە بىر مەھبۇسنىڭ ئۈچ يېقىن كىشىسى بولۇپ تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 20 كىشى يارىلاندى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە سىرمان ۋە كېنېيېس يېزىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى مارراتىننۇمان ۋە سەراكىب ناھىيەلىرى، ھۇلۇببە، رۇففا، سىرمان، كېنايىش، تېل كرىسيان ۋە بەرسە يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى. سەراكىب ناھىيەسى ۋە مارراتىننۇمان ناھىيەلىرىدىكى بازار يەرلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملاردا، 14 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 27 كىشى يارىلانغان ئىدى.

2018-يىلى 17-سېنتەبىر تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغاندىن بۇيان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 1300 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇ بىر يىل ئىچىدە ھۇجۇم كۆپ يۈز بەرگەن رايونلاردىن بىر قەدەر جىمجىت رايونلارغا، بولۇپمۇ تۈركىيە چېگرا بويلىرىغا يېقىن جايلارغا كۆچكەنلەرنىڭ سانى 1 مىليوندىن ئاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر