ئىران: نامايىشلار جەريانىدا 7 مىڭ ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

ئىران پارلامېنتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەت كومىتېتى باياناتچىسى ھۇسەيىن ناقاۋى ھۇسەينى، ئۆتكەن ھەپتىدىكى نېفىت باھاسىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار جەريانىدا 7 مىڭ ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1313437
ئىران: نامايىشلار جەريانىدا 7 مىڭ ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىنتېخاب» تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھۇسەيىن ناقاۋى ھۇسەينى نېفىت باھاسىنىڭ %300 ئۆستۈرۈلۈشىگە قارشى ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن نامايشىلاردىن كېيىن 7 مىڭ ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، بىراق مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئېنىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ رەسمىي دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ تەسىرىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىران خەلقى، 15 – نويابىردا نېفىت باھاسىنىڭ ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە نامايىش قىلىشنى باشلىۋەتكەنىدى.

نامايىشلار جەريانىدا بىر قاتار شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت بىنالىرى، بانكىلار، ماي ئىسكىلاتلىرى ۋە تاللا بازارلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ۋەقەلەر ئەسناسىدا كەم دېگەندە 143 نامايىشچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر