ترامپ: ئەردوغان بىلەن دوستانە مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1298868
ترامپ: ئەردوغان بىلەن دوستانە مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاقسارايدا  مۇخبىرلارنىڭ «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 13 – نويابىر كۈنى ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ئىشقا ئېشىپ ئاشمايدىغانلىقى» غا ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن دوستانە مۇناسىۋىتىم ئىنتايىن ياخشى، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي مەسىلىسى توغرۇلۇق ھاسىل قىلغان <ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى> تولۇق ئىجرا قىلىندى. سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە قايتىشىنى خالايمەن. تۈركىيە – سۈرىيە چېگرا لىنىيەلىرىنى باشقىلار كونتىرول قىلىشى كېرەك. بىز نېفىت مەنبەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالدۇق. مەن نېفىتنى ياخشى كۆرىمەن. (بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى)  ي پ گ/پ ك ك بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. قىسقىسى، بىز كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، مېنى ۋەزىپەمدىن قالدۇرۇش تەكشۈرۈشى پۈتۈنلەي سۈنئىيدۇر، چۈنكى مەن ھېچقاچان خاتا ئىش قىلمىغان تۇرسام، مېنى ۋەزىپەمدىن قالدۇرۇش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر