ياپونىيەنىڭ چارلاش پاراخۇتى بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ بېلىقچى كېمىسى سوقۇشۇپ كەتتى

سوقۇشۇپ كېتىش نەتىجىسىدە شىمالىي كورېيەنىڭ بېلىقچى كېمىسى سوغا غەرق بولدى.

1283038
ياپونىيەنىڭ چارلاش پاراخۇتى بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ بېلىقچى كېمىسى سوقۇشۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ بىر چارلاش پاراخۇتى ياپونىيەدە دېڭىزىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ بىر بېلىقچى كېمىسى بىلەن سوقۇشۇپ كېتىپ، كېمىدىكى 20 خادىمدىن بەزىلىرى يارىدار بولدى.

كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەدە دېڭىزىدا، ياپونىيە بېلىقچىلىق ئاجانتاسىغا تەۋە بىر چارلاش پاراخوتى شىمالىي كورېيەنىڭ بىر بېلىقچى كېمىسى بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن. 

ياپونىيە بېلىقچىلىق ئاجانتاسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سوقۇشۇپ كېتىش نەتىجىسىدە بېلىقچى كېمىسىنىڭ سوغا غەرق بولغانلىقى، ۋەقەدىن كېيىن دېڭىزغا سەكرىگەن 20 نەپەر شىمالىي كورېيەلىك كېمە خادىملىرىدىن بەزىلىرىنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقى ۋە بەزىلىرىنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيە يوقۇلۇپ كەتكەن شىمالىي كورېيەلىك بېلىقچىلارنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن رايونغا تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە قوتقۇزۇش كاتېرلىرىنى يوللىدى.

ۋەقەدە ياپونىيەگە تەۋە چارلاش پاراخوتىدىكى خادىملارنىڭ يارىدار بولمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر