رۇسىيە ئىدلىبتىكى پۇقراۋى مەھەللىلەرگە ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىدلىبتىكى پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

1282321
رۇسىيە ئىدلىبتىكى پۇقراۋى مەھەللىلەرگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي ئۆكتىچىلەرگە ئائىت ئايروپىلان كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ياردەم بېرىۋاتقان رۇسىيەگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئارىدىن 24 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىدلىبنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان باللىسې يېزىسىنى ئەتىگەن تەرەپلەردە ئۇدا بەش قېتىم بومباردىمان قىلغان.

رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 11 – سېنتەبىر كۈنى ئىدلىبنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېرقۇش ناھىيەسىگە قاراشلىق داھىر ۋە كەفەر مارېس يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلغانىدى.

بەششار ئەسەد كۈچلىرىمۇ ئىدلىبنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان  ھازارىن، رىقايە، شەيخ مۇستافا، نۇقەيىر قاتارلىق ئولتۇراق رايونلىرىنى داۋاملىق توپقا تۇتماقتا.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 2018 – يىلى 17 – سېنتەبىر كۈنى كېلىشىم لايىھەسى  ئىمزالانغاندىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ  «<ئىدلىب> سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» غا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 1300 دىن ئارتۇق پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، ھۇجۇملار قويۇق ئېلىپ بېرىلغان جايلاردىن تىنچ يەرلەرگە، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ چېگرا رايونلىرى ئەتراپىغا كۆچكەنلەرنىڭ سانى بولسا 1 مىليون 42 مىڭغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر