ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

ئافغانىستاندا تالىبان تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان  شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ھۇجۇمىدا 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1281915
ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستاننىڭ مەيدان ۋارداق ۋىلايىتىنىڭ ناراھ ناھىيەسىدە تالىبان  تەرىپىدىن ئېتىلغان  شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكنىڭ بىر ئۆيگە تېگىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر پۇقرا يارىلانغان.

بۇ ھەقتە تالىبان تەرىپىدىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر