موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئافغانىستان يىغىنىغا ئامېرىكا ۋە خىتايمۇ قاتنىشىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زامىر كابۇلوۋ، يېقىندا خىتاي، ئامېرىكا ۋە پاكىستان ئىشتىراك قىلىدىغان ئافغانىستان مەسىلىسى يىغىنى ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ تەييارلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1278954
موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئافغانىستان يىغىنىغا ئامېرىكا ۋە خىتايمۇ قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زامىر كابۇلوۋ پايتەخت موسكوۋادىكى مۇخبىلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئافغانىستان يىغىنىغا دائىر مەلۇمات بەردى.

يىغىننىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن زامىر كابۇلوۋ، «موسكوۋادا ئۆكتەبىردە ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي ۋە پاكىستان ئالاھىدە ۋەكىللىرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلىشى مۇمكىن. مۇشۇ تېما ئۈستىدە خىزمەت قىلماقتىمىز» دېدى.

زامىر كابۇلوۋ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ يىغىنغا قاتنىشىشى ئۈچۈن پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشىم ھاسل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

زامىر كابۇلوۋ يەنە، رۇسىيەنىڭ تالىبان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ: #خىتاي , #موسكۋا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر