ئافغانىستاندا تالىبان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قاندىھار ۋىلايىتىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) قىسىملىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 3 ئەسكەر يارىدار بولدى.

1275237
ئافغانىستاندا تالىبان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قاندىھار ئايرودۇرۇمىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ساقچىنىڭ ناتو ئەسكەرلىرىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇمدا 3 نەپەر ناتو ئەسكىرىنىڭ يارىدار بولغانلىقى ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالدى ۋە ۋەقەدە 12 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر