ترامپ: كەشمىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىشنى خالايمەن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى كەشمىر مەسىلىسىگە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1275139
ترامپ: كەشمىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىشنى خالايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نيۇ يوركقا كەلگەن پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بىلەن ب د ت بىناسىدا ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا – پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، ترامپ كەشمىر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كەشمىر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش توغرىسىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلىپ، «كەشمىر مەسىلىسىدە ياردەم قىلىشقا تەييارمەن، بۇنى خالايمەن ۋە (بىر ئىش) قىلالايمەن. بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بىر مەسىلە بولۇپ، ئۇزۇندىن بويان داۋاملىشىۋاتىدۇ. لېكىن، ھەر ئىككى تەرەپ (بۇنى ھەل قىلىشنى خالىسا)، مەن بۇ ئىشنى قىلىشقا تەييارمەن» دېدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بولسا، كەشمىر مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەم گېپىنىڭ ئۆتىدىغانلىقىنى ھەم بىر مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «نۆۋەتتە كەشمىردە 8 مىليون ئادەم 900 مىڭ ئەسكەرنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. بۇ ئىنسانىي بىر مەسىلىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر