فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە سەئۇدى ئارامكوغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئىراننى جاۋابكار دېدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت زاۋۇتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئىراننى جاۋابكار دېگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەۋاد زارىف تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ 14 - سىنتەبىردە سەئۇدى ئارامكوغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئىراننى جاۋابكار دېگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.
جەۋاد زارىف فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ 2018 – يىلى ماي ئېيىدىن بۇيان ئامېرىكانىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، يادرو كېلىشىملەردە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى ئۇچۇق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئامېرىكا كېلىشىمدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 3 دۆلەت يادرو كېلىشىملەردە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشتا مەغلۇپ بولدى. بۇ مەسىلە، مۇستەقىل يول تۇتۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىرادە بولغاندا، ئامېرىكىنىڭ قۇرۇق گەپلىرىنى شاتۇتقا ئوخشاش تەكرارلىمىغاندا ۋە يادرو كېلىشىمىگە رىئايە قىلغاندا ھەل بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ يادرو كېلىشىمگە ئالاقىدار باياناتلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «مەۋجۇت كېلىشىمگە رىئايە قىلىنماي تۇرۇپ، ھەرگىزمۇ يېڭى بىر كېلىشىم تۈزۈلمەيدۇ» دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىگە يېتىپ بارغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ۋە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون تۇنۇگۈن ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.
باياناتتا «ئىراننىڭ بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكى ئوچۇقتۇر. باشقا قايىل قىلارلىق بىر ئىزاھاتى يوق. تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشلەرنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيمىز» دېگەن ئىدى.