ئامېرىكا پارىس قولتۇقىغا قوشۇن ئەۋەتىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن پارىس قولتۇقىنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

1273690
ئامېرىكا پارىس قولتۇقىغا قوشۇن ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئېسپېر، ئاقسارايدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئارامكو شىركىتىنىڭ نېفىت مۇئەسسەسەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇم مەسىلىسى توغرۇلۇق ئۆتكۈزۈلگەن بىخەتەرلىك يىغىنىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جۇزېف دۇنفورد بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، بارلىق دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ ئارامكو شىركىتىنىڭ نېفىت مۇئەسسەسەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىران ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر ۋە قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى قوغدىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى، بۇ مەقسەتتە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ رايونغا قوشۇن ئەۋەتىش قارارنامىسىنى تەستىقلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جۇزېف دۇنفورد بولسا، پارىس قولتۇقىغا ئەۋەتىلدىغان قوشۇننىڭ پارىس قولتۇقىنى مۇداپىئە قىلىش خىزمىتى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مىللىي نېفىت شىركىتى ئارامكوغا ئائىت ئىككى مۇئەسسەسەنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنى كېچىسى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 4 تە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ھۇجۇم نەتىجىسىدە بۇ مۇئەسسەسەلەردە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى. يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بۇ ھۇجۇملارنى 10 دانە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر