كالىفورنىيەدە ئوت كەتكەن كېمىدىكى كىشىلەر قۇتقۇزۇلالمىدى

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئوت كەتكەن كېمىدە يوقاپ كەتكەن 34 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1263257
كالىفورنىيەدە ئوت كەتكەن كېمىدىكى كىشىلەر قۇتقۇزۇلالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئوت كەتكەن كېمىدىكى يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى، كېمىدىكى 34 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلىنىشى بىلەن توختىتىلدى.

سانتا باربارا (Santa Barbara) ناھىيەسىنىڭ باشلىقى بىل بروۋن ئىزدەش-قۇتقۇزۇشتا قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ يوقلۇقىنى ۋە بۈگۈن (4-سېنتەبىر) دىن باشلاپ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ كېمىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە ئۇخلاۋاتقان 34 كىشىنىڭ قېچىش يوللىرىنىڭ ئوت يالقۇنى ئېتىلگەنلىكىنى ۋە كېمىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئۇخلىغان بەش كېمە خادىمىدىن باشقا، ھېچكىمنىڭ قۇتقۇزۇلالمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئوت كېتىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، جېنىدىن ئايرىلغان 33 كىشىنىڭ يولۇچى، بىر كىشىنىڭ بولسا كېمە خادىمى ئىكەنلىكىنى؛ 20 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ دېڭىزدىن چىقىرىلغانلىقىنى، كېمىنىڭ 18 مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، جەسەتلەرنىڭ كىملىكىنىڭ DNA تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە ئېنىقلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئائىلىلەردىن DNA ئەۋرىشكىلىرى ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش قىسمىنىڭ باياناتچىسى مونىكا روچېستېر (Monica Rochester) ئالتە كېمە خادىمى ۋە 33 يولۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 39 كىشى ئولتۇرغان كېمىگە، 2-سېنتەبىر كۈنى سائەت 03:15 تە نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوت كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مونىكا روچېستېر ئۇزۇنلۇقى 23 مېتىر كېلىدىغان «كونسېپشىن» (Conception) ناملىق غەۋۋاسلار كېمىسىگە، قۇرۇقلۇقتىن تەخمىنەن 32 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە سانتا كرۇز (Santa Cruz) ئارىلى ئەتراپىدا ئوت كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىر كېمىدە ئەڭ ئاخىرىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىش ئوت، بۇ سەۋەبتىن ئەڭ ناچار ئەھۋالغا تەييارلىقىمىز بولۇشى كېرەك» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر