خىتايدىكى تاغ غولاپ چۈشۈش ۋەقەسى ھەم جان ئالدى، ھەم ماددىي زىيان سالدى
خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدا يۈز بەرگەن تاغ غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 7 كىشى ئۆلدى.
1253305
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چۇڭچىڭ شەھىرىگە تەۋە چىڭكو رايونىدا يۈز بەرگەن تاغ غولاپ چۈشۈش ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئىزدەپ- قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى جەريانىدا، 7 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان. تاغ غولاپ چۈشۈش ۋەقەسىدە نۇرغۇنلىغان ئۆيلەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.
خەۋەردە، ئىزدەپ- قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.