تىتانىك پاجىئەسىدىن ساق قۇتۇلۇپ قالغان ئايالنىڭ ھاسىسى 62 مىڭ 500 دوللارغا سېتىلدى

مۇز تېغىغا سوقۇلۇپ كېتىپ سوغا غەرق بولغان ۋە 1514 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان تىتانىك پاراخۇتى پاجىئەسىدىن ساق قۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنىڭ پاجىئە ئەسناسىدا يېنىدا كۆتۈرۈپ يۈرگەن ھاسىسى تالاشتۇرۇپ سېتىش پائالىيىتىدە 62 مىڭ 500 دوللارغا سېتىلدى.

1240988
تىتانىك پاجىئەسىدىن ساق قۇتۇلۇپ قالغان ئايالنىڭ ھاسىسى 62 مىڭ 500 دوللارغا سېتىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1912يىلى 15ئاپرىلدا ئەنگلىيەدىن ئامېرىكىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا مۇز تېغىغا سوقۇلۇپ كېتىپ سۇغا غەرق بولغان تىتاتىك ناملىق پاراخوتنىڭ يولۇچىسى ئېللا ۋايتنىڭ ئۇچى چىراقلىق ھاسىسى قوتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئۇنى بايقىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ھاسا ئامېرىكىنىڭ رۇد ئىسلاند ئۆلكىسىدىكى بر تالاشتۇرۇپ سېتىش مەركىزىدە 62 مىڭ 250 دوللارغا سېتىلدى.

تالاشتۇرۇپ سېتىش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان «Guernsey's» شىركىتى باشلىقى ئارلان ئېتتىڭگېر مەزكۇر ھاسىنىڭ تىتانىك پاجىئەسىدىن خاتىرە قالغان ئەڭ مۇھىم يادىكارلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارلان ئېتتىڭگېر ھاسىنى سېتىۋالغۇچىنىڭ ئەنگلىيەدە ياشايدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

ھەرگىز چۆكمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئالىي دەرىجىلىك يولۇچىلار پاراخوتى تىتانىك 1912يىلى 10 ئاپرىلدا 2224 يولىچى ۋە پاراخوت خادىملىرى بىلەن بىرگە نىيۇ يوركقا بېرىش ئۈچۈن ئەنگلىيەنىڭ ساۋوتئامپتون شەھىرىدىن يولغا چىققان ئىدى.

پاراخوت 1912يىلى 15 ئاپرىلدا بىز مۇز تېغىغا سوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، شىمالىي تىنچ ئوكيان دېڭىزىدا سۇغا چۆكۈپ كەتكەن ئىدى.

ۋەقەدە 1500 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن بولۇپ بۇلاردىن بەزىلەر مۇزدەك سوغۇق دېڭىزدا توڭلاپ جان بەرگەن ئىدى.

پاراخوتتا پەقەت 178 كشىگىلا يەتكۈدەك قۇتقۇزۇش كېمىسى مەۋجۇت بولۇپ، ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن شۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن «Carpathia» ناملىق پاراخوت 710 كىشىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر