خىتاي ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەنلىكىگە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ نارازى بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1234169
خىتاي ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋۇ چيەن ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە تەخمىنەن 2.2 مىليارد دوللار قىممىتىدە 108 ئابرامس (Abrams) تانكىسى ۋە 250 دانە نەشتەر (Stinger) باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق قورال-ياراغلارنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغانلىقى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «خىتاي ئارمىيەسى بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولدى ۋە قەتئىي قارشى تۇردى. ئامېرىكانىڭ خاتا ھەرىكەتلىرى بىر خىتاي سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغان مەيدانىمىز ناھايىتى روشەن» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرىگە زىيان سالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىياتىنى چوڭ خەتەرگە ئىتتىرگەنلىكىنى ۋە تەيۋەن رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ھەمدە مۇقىملىقىنى زېدىلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «تەيۋەن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى. يەنە كېلىپ، خىتاي ئاساسىي ھەق-ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرى بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش. چەت ئەللەرنىڭ ئارىلىشىشى ياخشى ئەمەس. ئامېرىكانى بىر خىتاي سىياسىتىگە بويسۇنۇشقا، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى بالدۇرراق توختىتىشقا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ زىيان سالماسلىق ئۈچۈن، تەيۋەن بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشكە چاقىرىمىز» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى ۋە ھەر قانداق شەكىلدە چەت دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىقتىدارغا، قەتئىي ئىرادىگە ۋە ئىشەنچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق، بىخەتەرلىك ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر