خىتاي خوڭكوڭدا پارلامېنتقا بېسىپ كىرگەن نامايىشچىلارنى ئەيىبلىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭكوڭدىكى ۋەقەلەرگە دائىر باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئېلان قىلغان بارلىق باياناتلارنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە نامايىشچىلارغا خاتا سىگنال بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1229157
خىتاي خوڭكوڭدا پارلامېنتقا بېسىپ كىرگەن نامايىشچىلارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا جىنايەتچىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان قانۇنىي بەلگىلىمىگە قارشى نامايىش قىلغۇچىلاردىن بىر گۇرۇپپىنىڭ پارلامېنت بىناسىغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گىڭ شۇاڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ ئارقىسىدا ئەڭ كۈچلۈك بىر شەكىلدە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گىڭ شۇاڭ خوڭكوڭدا بىنانىڭ ئىشىك دېرىزىلىرى ۋە تۆمۈر توساقلىرىنى سۇندۇرۇپ پارلامېنتقا بېسىپ كىرگەن نامايىشچىلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بۇ زورۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۇجۇملار، قانۇننى ئاياق- ئاستى قىلىپ، ئىجتىمائىي تۈزىمىمىزنى خەۋپكە ئىتتىرگەن ئېغىر قانۇنسىز ھەرىكەتتۇر، قاتتىق ئەيبىلەيمىز» دېدى. 

گىڭ شۇاڭ خوڭكوڭدىكى ۋەقەلەرگە دائىر باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئېلان قىلغان بارلىق باياناتلارنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «باشقا دۆلەتلەر زوراۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرىكەتلەرنى قوللىماسلىقى ۋە خاتا سىگناللارنى بەرمەسلىكى لازىم» دېدى.

بۇ ئارىلىقتا، نامايىشچىلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رەھبەرلىرىدىن جوشۇا ۋوڭ پارلامېنتقا بېسىپ كىرىش ۋە بىناغا بەزى زىيانلارنىڭ سېلىنىشىنى تەنقىد قىلغانلارنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى، بىراق نامايىشقا بۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ قىزغىن قاتنىشىشى، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان تەلەپلەرنى خەلقنىڭ كۈچلۈك قوللاپ - قۇۋۋەتلاۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جوشۇا ۋوڭ ئەمدىلىكتە خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋالىيسىنىڭ خەلق تەرىپىدىن «يېتەرلىك بىر باشقۇرۇغۇچى» دەپ قارالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ۋالىي كاررې لامنىڭ خۇددىي مەيدانلاردا نامايىشچىلار تەكرارلىغاندەك دەرھال ئىستېپا بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خوڭكوڭ ھاكىيىمىتى ئەنگلىيەدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىنىڭ 22يىلىدا يۈز مىڭلىغان كىشى خىتايغا قارشى نامايىش قىلىپ كوچىلارغا چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۈنتەرتىپىدە يەنە، جىنايەتچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش بەلگىلىمىسى بار ئىدى.

بىر گۇرۇپپا نامايىشچى پارلامېنت ئالدىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نامايىشى قىلغان، ئاندىن بىنانىڭ ئىشىك – دېرىزىلىرىنى ۋە تۆمۈر توساقلارنى سۇندۇرۇپ ئۆتۈپ، پارلامېنتنىڭ ئىچىگىچە بېسىپ كىرگەن ھەمدە بىنادا ماددىي زىيانلارغا يول ئاچقان ئىدى.

نامايىشچىلار يەنە، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ھۆكۈمەت گىرىبىنىڭ ئۈستىگىمۇ بوياق چاچقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر