خىتاي بىلەن ھىندىستان خەلقئارا تىجارەتتىكى ئۆز بېشىمچىلىقتىن بىئارام بولغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى

رۇسىيە، ھىندىستان ۋە خىتاي رەھبەرلىرى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئەۋج ئالغان ئۆز بېشىمچىلىق، ساقچى بولىۋىلىش ۋە قانۇنغا خىلاپ پوزىتسىيە يۆنىلىشلىرىگە قارشى بىئاراملىقلىرىنى تىلغا ئېلىشتى.

1227052
خىتاي بىلەن ھىندىستان خەلقئارا تىجارەتتىكى ئۆز بېشىمچىلىقتىن بىئارام بولغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان گ 20 رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە، بېرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىن تەركىپ تاپقان «BRICS» گۇرۇھى ئايرىم يىغىن چاقىردى.

يىغىندا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندىرا مودى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىر يەرگە جەم بولدى. 

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىش، دۆلەت مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە باشقا دۆلەتلەنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپلىرى دائىرىسىدە، ھەر تۈرلۈك ئۆز بېشىمچىلىققا قارشى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، مودى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يىغىندا يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئەۋج ئالغان خەلقئارا تىجارەتتە ساقچى بولىۋىلىش، ئۆز بېشىمچى ۋە قانۇنغا خىلاپ ئىقتىسادىي ئېمبارگو يرۈگۈزۈشلەرگە قارىتا بىئاراملىقلىرىنى تىلغا ئېلىشقانلىقىنى ئېيتتى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر