خىتاي كانادادىن گۆش ئېمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى

خىتاينىڭ ئوتتاۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادادىن گۆش ئېمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى

1225713
خىتاي كانادادىن گۆش ئېمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدا، خىتاينىڭ تامۇژنا مۇپەتتىشلىرىنىڭ كانادادىن ئېمپورت قىلىنغان چوشقا گۆشى مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدە، خىتايدا چەكلەنگەن قوشۇمچە ئوزۇقلۇق ماددىسى «ractopamine» نىڭ بايقالغانلىقى، شۇڭا ئېمپورتنى توختىتىش قارارى ئېلىنغانلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى.

كانادا يېزا ئېگىلىكى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جۇنتىن لېساگ بولسا، خىتاينىڭ بۇ قارارىغا جاۋابەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، كانادانىڭ يېمەك ئىچمەك ئېكسپورت سۇپىتىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرىلار قاتارىدا ئىكەنلىكى ۋە ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشەنچلىك بولۇش نىسبىتىدىمۇ ھېچ قانداق مەسىلە يوقۇلۇقى تەكىتلەندى.

خىتاينىڭ ئالدىنقى يىلى كانادادىن تەخمىنەن 380 مىليون دوللارلىق چوشقا گۆشى ئېمپورت قىلغانلىقى، مەزكۇر قارارنىڭ خىتاي تېخنىكا شىركىتى خۇاۋېينىڭ مالىيە ئىشلىرى دىرېكتورى مىڭ ۋانجۇنىڭ ئالدىنقى يىلى كانادادا نازارەتكە ئېلىنىشى بىلەن باشلانغان كىرىزىسكە توغرا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي تېخنىكا شىركىتى خۇاۋېينىڭ مالىيە ئىشلىرى دىرېكتورى مىڭ ۋانجۇ نازارەتكە ئېلىنغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يىرىكچىلىكلەر باشلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، كانادانىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ئۇچۇر يوللاپ، 28ئىيۇندىن 29ئىيۇنغىچە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يىغىنىدا، خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىدا مۇرەسسەچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. 

خىتاي بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ «canola» ناملىق ئۆسۈملۈكنىڭ كانادىن ئېمپورت قىلىنىشىنى توختاتقان ئىدى.   


خەتكۈچ: #كانادا , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر