ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1220920
ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان  قىلىنغان باياناتتا، ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالغاندىن سىرت، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئادىل ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىردەك تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

كۆرۈشۈشتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ساقلىنىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالغاندىن سىرت،  ياپونىيەدە چاقىرىلىدىغان گ-20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۈركىلىشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشىنىڭ «سودا ئۇرۇشى»نى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن سودا مۇزاكىرىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىغانىدى.

28 ۋە 29-ئىيۇن كۈنلىرىدە ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا، ئىككى رەھبەرنىڭ تاموژنا بېجى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە تەپسىلىي كېڭەش ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر