خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۇداننى قاتتىق ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۇداندا يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1217277
خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۇداننى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سۇداندا پۇقرالار نىشان قىلىنىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە دەرھال خاتىمە بېرىلىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇدان ھۆكۈمىتىدىن،  كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىشى تەلەپ قىلىندى، ھەمدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى سۇداندا يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇدان ھۆكۈمىتىدىن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە دەرھال خاتىمە بېرىشىنى، كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىشىنى، پۇقرالارنى قوغدىشىنى، جاۋابكارلاردىن ھېساب ئېلىشىنى ۋە ئادالەت بەرپا قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۇداندىكى ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەشنىڭ ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈشكە قارىتا باياناتىنى رۇيخەتكە ئالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ سۇدان مەسىلىسىدە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىشىنى قوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئيېقتانلىقى قەيت قىلىندى، ھەمدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۇداننىڭ بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى بارلىق دۆلەتلەرنى سۇدان كىرىزىسىنىڭ ئۆزئارا كېڭەش ئاساسىسدا ھەل قىلىنىشى يولىدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر