ترامپ: ئىسرائىلىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ئادەمنى چۆچىتىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىسرائىلىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئادەمنى چۆچىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1211692
ترامپ: ئىسرائىلىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ئادەمنى چۆچىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ كولورادو ئىشتاتىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈبش ھارپىسىدا ئاقساراينىڭ قورۇسىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقان ئىسرائىلىيەدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ئادەمنى چۆچىتىدۇ، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجى يوق ئىدى. بېنيامىن نېتانياھۇ قىممەتلىك بىر ئىنسان، ئەمما بۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى، چۈنكى ئىسرائىلىيەنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرى يېتىپ ئاشاتتى.»

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئۆزىگە بېرىلگەن مۆھلەت ئىچىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقالمىغاندىن كېيىن، پارلامېنتنىڭ بىكار قىلىنىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈش توغرۇلۇق قارار چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر