گىرېتسىيەدە 7-ئىيۇلدا بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ
گىرېتسىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى دىمىترىس كاناكوپولوس 7-ئىيۇلدا بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1209989
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى دىمىترىس كاناكوپولوس، مۇدەتتىن بۇرۇنقى سايلامنى بۇ يىل 7-ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
«ئالپا»ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كاناكوپولوس مۇنداق دېدى: «باش مىنىستىر چىپراس بالدۇر سايلامنى 7-ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈشنى دېدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن 7-ئىيۇلنى بېكىتتۇق.»
باياناتچى دىمىترىس كاناكوپولوس، باش مىنسىتىر ئالېكسىس چىپراسنىڭ 10-ئىيۇندا پىرېزىدېنت پروكوپىس پاۋلوپولوس بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئالېكسىس چىپراس ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىدا ئۆكتىچى پارتىيەگە قارىغاندا %9 ئاز ئاۋازغا ئېرىشىشىدىن كېيىن، بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.