ئەنگلىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى

ئەنگلىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىپ چىقىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارالمىغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

1208522
ئەنگلىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە ھاكمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئەنگلىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىپ چىقىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارالماسلىقى سەۋەبىدىن، بۇ قېتىمقى ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىدا زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

« BBC » تېلېۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن سايلام توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان غەيرى رەسمىي نەتىجىلەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئايرىلىپ چىقالماسلىقى بۇ قېتىمقى ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىغا زور دەرىجىدە سەلبىي تەسىر ئېلىپ كەلگەن.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن ئۆكتىچى ئىشچى پارتىيەسى بۇ قېتىمقى ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىدا زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى ئاساسلىق سىياسىتى قىلىپ بېكىتكەن يېڭى قۇرۇلغان «بركسىت»پارتىيەسى بۇ قېتىمقى سايلامدا بىرىنچى بولدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قوللايدىغان لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى %20.3 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئىككىنچى، ئىشچى پارتىيەسى %14.1 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئۈچىنچى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان يېشىلار پارتىيەسى بولسا %12.1 ئاۋازغا ئېرىشىپ تۆتىنچى بولدى.

ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولسا ئاران %9.1 ئاۋازغا ئېرىشىپ بەشىنچى بولدى.

ئەنگلىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىپ چىقىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارالمىغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىدا بىرىنچى بولغانىدى.

سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى %36.7 ئەتراپىدا بولدى، ئاشقۇن مىللەتچى نامزات توممى روبىسون سايلىنالمىدى.

ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان تەقدىردە، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەنگلىيەگە تەۋە 73 ئورۇندۇق فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئسىپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەقسىم قىلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر