ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىدلىبقا قىلغان ھۇجۇمىدا 6 بىگۇناھ پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىبتا يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دائىرىسىدىكى پۇقرالارنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىغا تۈنۈگۈن كەچتە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 6 بىگۇناھ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1206798
ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىدلىبقا قىلغان ھۇجۇمىدا 6 بىگۇناھ پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىران قوللاۋاتقان تېررورچى گۇرۇپپىلاردىن تەشكىل تاپقان ھاكۈمەت قىسىملىرى تۈنۈگۈن كەچتە ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ خان شەيخۇن، جىسىر ئەششۇغۇر ۋە سەراقىب ناھىيەلىرىگە شۇنداقلا ئىشتەبراق، كەففەررىما، ماررىتىرما، سىفۇخەن، ئەسساھىن، ئەقاسسابىيە، ئابىدىن، ھىش، نىرىسا، كەفەر سىجنە ۋە نۇقەييىر يېزىلىرىغا ھەمدە ھامانىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەل ھاۋىجە يېزىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغاندىن باشقا قاتتىق توپقا تۇتقان. 

خەلقنى قوغداش ئەترىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، تۈنۈگۈن كەچتە جىسىر ئەششۇغۇر، سەراقىب، سىفۇھەن ۋە ھاۋىجە يېزىلىرىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 6 بىگۇناھ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

خەلقنى قوغداش ئەترىتى 25 - ئاپرىلدىن بۇيان قىلىنغان ھۇجۇملاردا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 195 پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە 485 تىن ئارتۇق پۇقرانىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسەد قىسىملىرى بىلەن قوللىغۇچىلىرى تۈركىيە ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، 2018يىلى 17سىنتەبردىن بېرى قىلغان ھۇجۇملىرىدا 553 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇرت ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەسەدە قىسىملىرى، ئىران قوللاۋاتقان تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ياردىمى ۋە رۇسىيەنىڭ ھاۋاد ھۇجۇمى ئارقىلىق قوللىشى ئاستىدا، تەخمىنەن 3 ھەپتە ئىلگىرى باشلىغان كەڭ كۆلەمىك ھۇجۇم نەتىجىسىدە، 100 كىۋادىرات كېلومېتىرلىق زېمىننى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھەربىي ئۆكتىچىلەر بۇ رايوننى ھۆكۈمەت قىسىملىرىدىن تارتىپ ئېلىش ئۈچۈن پات - پات ھۇجۇملارنى قىلىپ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر