ياۋروپا ئىتتىپاقى سىبەر ھۇجۇم قوزغىغۇچىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى، ئەزا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا سىبەر ھۇجۇم قوزغىغۇچىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

1203184
ياۋروپا ئىتتىپاقى سىبەر ھۇجۇم قوزغىغۇچىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى، ئەزا دۆلەتلەر، ئۈچىنچى بىر دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى نىشان قىلغان سىبەر ھۇجۇملىرىغا ئېمبارگو ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن دائىرىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تۇنجى قېتىم ئورگانلىرى، ئەزا دۆلەتلەر، ئۈچىنچى بىر دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى نىشان قىلغان سىبەر ھۇجۇملىرىغا ئېمبارگو قويۇش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېمبارگولارنىڭ زور تەسىر پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان سىبەر ھۇجۇملىرىغا قارشى يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئېمبارگونىڭ سىبەر ھۇجۇمى قوزغىغان، سىبەر ھۇجۇمىنى ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىن قوللىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئېمبارگولارنىڭ ساياھەت چەكلىمىسى، مال-مۈلۈكنى توڭلىتىش، ئالاقىدار شەخس ۋە ئورۇنلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقى فوندلىرىدىن بەھرىمان قىلماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر