دانىيەدە 2 نامايىشچى نازارەتكە ئېلىندى

دانىيەدە پاناھلىق ئىلتىماسلىرى قوبۇل قىلىنمىغان چەت ئەللىكلەر تۇتۇپ تۇرىلىدىغان ئەللەبېك قايتۇرۇۋېتىش مەركىزى ئالدىدىكى نامايىشتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە، 2 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

1186978
دانىيەدە 2 نامايىشچى نازارەتكە ئېلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيەدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دۆلىتىگە قايتىپ كېتىشنى خالىمايدىغان چەت ئەللىكلەر تۇتۇپ تۇرىلىدىغان مەركەزلەرنىڭ شارائىتلىرىنىڭ ناچارلىقىغا قارشى نامايىشلار پات - پات كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئەللەبېك قايتۇرۇۋېتىش مەركىزى ئالدىغا توپلاشقان 200 كىشىلىك گۇرۇپپىدىن 2 كىشى ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشتىن كېيىن نازارەتكە ئېلىندى.

شىمالىي سجېللاند ساقچى ئىدارىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 30 ۋە 37 ياشلىق ئىككى نامايىشچىدىن بىرسىنىڭ ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا رىئايە قىلغمىغانلىقى، يەنە بىرسىنىڭ جامائەت تەرتىپىگە زىت ئىشلارنى قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

نامايىشنى باشتۇرۇش ئۈچۈن ساقچىلار كالتەك ئىشلەتتى.

نامايىشچىلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكلىرىنى، بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە نامايىش قىلغانلىقىنى ۋە ساقچىلارنىڭ ۋەقەلەرنى ئۈلغايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

دانىيەدە قايتۇرىۋىتىش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ۋە ئەركىنىكلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان چەت ئەللىكلەر پەزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە گويا تۈرمىدەكلا بىر شارائىتتا تۇرمۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر