رۇسىيە ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتتى

رۇسىيە، قارادېڭىزنىڭ كەرچ بوغۇزىدا رۇسىيە تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان ئۇكرائىنا ئۇرۇش پاراخوتلىرىدىكى 24 ھەربىي خادىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇددىتىنى 24 – ئىيۇلغىچە ئۇزارتتى.

1185985
رۇسىيە ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى لېفورتوۋىسكى مەھكىسى سوت ئېچىپ، ئەسكەرلەرنى 3 ئايرىم زالدا گۇرۇپپىلار ھالىتىدە سوتلىدى.

مۇپەتتىشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن خەلقكە يېپىق ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇلغان سوتتا، تاراتقۇ مەنسۇپلىرى ۋە مەھبۇسلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى قارار ئېلان قىلىنىدىغان چاغدىلا زالغا كىرگۈزۈلدى.

مەھكىمە، ئۇكرائىنالىق 24 ئەسكەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتىنىڭ 24 – ئىيۇلغىچە داۋاملاشتۇرۇلۇشىغا قارار قىلدى.

نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىدىن مارىئۇپول پورتىغا قاراپ يولغا چىققان ئۇكرائىنانىڭ 3 ئۇرۇش پاراخوتى، رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئازاك دېڭىزىنىڭ كەرچ بوغۇزىغا يېقىن جايدا رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغان،  پاراخوتلاردىكى ھەربىيلەر نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

موسكۋادىكى مەزكۇر مەھكىمە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سوت ئېچىپ، ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ 24 – ئاپرېلغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر