ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ نەزەر بەند ئاستىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

ئاغدۇرۋېتىلگەن پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ پايتەخت خارتۇمدا نەزەر بەند قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1182907
ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ نەزەر بەند ئاستىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال مۇھەممەد ھامدان داكلۇ، ئاغدۇرۋېتىلگەن پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ پايتەخت خارتۇمدا نەزەر بەند قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇداندىكى مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قوماندان مۇھەممەد ھامدان داكلۇ: ئۆمەر ئەل بەشىر سۇداننى تاشلاپ كەتكىنى يوق، ئۇ ھازىر نەزەر بەند ئاستىدا تۇرماقتا، دېدى.

گېنېرا داكلۇ، ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ سۇداندا 4 ئايدىن بۇيان تىنچ ھالدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نامايىشلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ،  ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاقىتلىق ھەربىي ھۆكۈمەت سېپىدا تۇيۇقسىزلا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش ئۈستىدىمۇ توختالغان گېنېرال داكلۇ، مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋاد بىن ئاۋفنى نامايىشچىلارنىڭ خالىمايدىغانلىقىنى، ھازىرقى ھۆكۈمەت باشلىقى ئابدۇلفەتتاھنى ھەم خەلق ھەم نامايىشچىلار ھەمدە ئەسكەرلەرنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇداننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىملىقىنى ئېيتقان گېنېرال داكلۇ، نامايىشچىلارنى ۋاقىتلىق ھەربىي ھۆكۈمەتنى قوللاشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر