نىگېرىيەدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 22 ئادەم ئۆلدى.
1182125
![نىگېرىيەدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/b68e/a5dd/4c26/5c387909ee0cb.jpg?time=1719116314)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا قوراللىق بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن يەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 22 ئادەم ئۆلدى،
يەرلىك تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، كاتسىنا ۋىلايىتىگە قاراشلىق جىبىيا، سابۇۋا ۋە باتسارى يېزىلىرىدا سەيشەنبە كۈنىدىن بۇيان قوراللىق بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن يەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا 22 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
جىبىيا يېزىسىدىن قاچقان 11 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.
توقۇنۇشلاردا نۇرغۇن ھايۋان ئۆلۈپ كۆپ ساندا ئۆي كۈلۈپ كۈلگە ئايلاندى.