پۇتىن موسكۋادا نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەن

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن موسكۋادا كۆرۈشتى.

1177356
پۇتىن موسكۋادا نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پۇتىن-نېتانياھۇ كۆرۈشۈشىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ماكسىم ئاكىموۋ، كرېمىل سارىيىنىڭ تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى يۇرى ئۇشاكوۋ، رۇسىيە ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقى ۋولېرىي گېراسىموۋ ھەمراھ بولغان.

ئىسىرائىلىيە تەرەپتىن، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى مېئىر بېن شاببات ۋە موسسادنىڭ (ئىستىخبارات ئىدارىسى) باشلىقى يوسسى كوھېن كۆرۈشۈشكە قاتناشقان.

پىرېزىدېنت پۇتىن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىدە بۇندىن 37 يىل بۇرۇن لىۋاندىكى «سۇلتان ياقۇپ» تۇرالغۇسىدا ئۇرۇش جەريانىدا يوقاپ كەتكەن بىر ئىسىرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ۋە ئىسىرائىلىيەگە بۈگۈن (4-ئاپرېل) تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ياردىمى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.

ئامېرىكا گولان ئېگىزلىكىدە ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا، سۈرىيە كىرىزىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەل قىلىش پىلانى سۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر