ۋېنېزۇئېلادا ھۆكۈمەتمۇ، ئۆكتىچىلەرمۇ بىرلا كۈندە نامايىش ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا

ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرى نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان 6 – ئاپرېلدا پىرېزىدېنت نېكولاس مادۇرونىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭمۇ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1175336
ۋېنېزۇئېلادا ھۆكۈمەتمۇ، ئۆكتىچىلەرمۇ بىرلا كۈندە نامايىش ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تارىخىنىڭ ئەڭ ئېغىر سىياسىي كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋېنېزۇئېلادا، ھۆكۈمەتمۇ، ئۆكتىچىلەرمۇ كوچىلاردا نامايىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ۋاز كەچمىدى.

ۋېنېزۇئېلا قۇرغۇچى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋېنېزۇئېلا سوتسىيالىست بىرلەشمە پارتىيەسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىنى دىئوسدادو كابېللو، پايتەخت كاراكاستا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 6 – ئاپرېلدا كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نېكولاس مادۇرو تاشلىغان قەدەملەرنى قوللايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان كابېللو، ئۆكتىچىلەر كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزىدىغان 6 – ئاپرېلدا، ئۆزلىرىنىڭمۇ دۆلەت مىقياسىدا «ئىمپېرىيالىزمغا قارشى ئىگىلىك ھوقۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىش» ئۈچۈن كوچىلارغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردۈى.

ئۇ، كاراكاستا توك توختاپ كېتىش پەيدا قىلغان سۇ يوللىرى كاشىلىسى تۈپەيلى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، بەزى مەھەللىلەردىكى نامايىشچىلارنىڭ باشقا رايونلاردىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى «مۇۋەققەت پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان پارلامېنت باشلىقى خۇەن گۇايدومۇ تەرەپدارلىرىنى «ئەركىنلىك ھەرىكىتى» گە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن 6 – ئاپرېلدا  كوچىلارغا چىقىشقا چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر