مېكسىكىدىكى يانار تاغ ھەرىكەتكە ئۆتتى
ئازتېك تىلىدا «ئىس پۈركىيدىغان تاغ» دېگەننى بىلدۈرىدىغان مېكىسكىدىكى «Popocatepetl» يانار تېغى ۋولقان پۈركۈشكە باشلىدى.
1173390
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Popocatepetl» يانار تېغى 2 كېلومېتىر ئېگىزلىكتە گاز ۋە كۈل پۈركىمەكتە.
«Popocatepetl» يانار تېغى مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ 200 قېتىم كۈل پۈركىدى.
مېكسىكا مەسئۇللىرى بۇنىڭغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى.