رۇسىيە ئىسرائىلىيەگە رەددىيە بەردى

رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېياھۇنىڭ ۋىلادىمىر پۇتىنغا سۈرىيەگە دائىر پىلان لايىھە بەرگەنلىكىنى رەت قىلدى.

1171671
رۇسىيە ئىسرائىلىيەگە رەددىيە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا پىلان لايىھەسى بەرگەنلىكى توغرىسىدا چىققان خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى كىرىمېل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا نېتانىياھۇنىڭ پۇتىنغا پىلان لايىھەسى بەرگەنلىكى ھەققىدە چىققان خەۋەرلەر ئۈستىدە توختالدى.

نېتانياھۇنىڭ موسكۋادا ئۆتكەن ئاي پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە سۈرىيە كىرىزىسىگە دائىر پىلان لايىھە بەرمىگەنلىكىنى ئېيتقان پېسكوۋ: نېتانياھۇنىڭ رۇسىيە زىيارىتىدە بۇنداق ئىش يۈز بەرمىدى، دېدى.

پېسكوۋ يەنە نېتانياھۇنىڭ مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىدا بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن بېرىلگەن خەۋەرلەردە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا پىلان لايىھەسى بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە يەنە نېتانياھۇنىڭ ئۆتكەن ئاي رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ پۇتىغا سۈرىيەگە دائىر پىلان لايىھەسى بەرگەنلىكى، پۇتىننىڭ نېتانىياھۇنىڭ پىلان لايىھەسىگە قىزىققانلىقى، شۇنداقلا مەزكۇر پىلاندا ئىراننىڭ سۈرىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى لازىملىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر