ئافىرىدى: تۈركىيە ھەر دائىم پاكىستاننىڭ يېنىدا ئاكا ئورنىدا تۇرۇپ كەلدى

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەھرىيار خان ئافىرىدى تۈركىيەنىڭ ھەر قانداق چاغدا دۆلىتىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1151139
ئافىرىدى: تۈركىيە ھەر دائىم پاكىستاننىڭ يېنىدا ئاكا ئورنىدا تۇرۇپ كەلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئافرىدى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پاكىستاندا كېلەر ئاي ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ۋە زىيارىتىنىڭ پاكىستانغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئافرىدى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلەرگە يەتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم پاكىستاننىڭ يېنىدا ئاكا ئورنىدا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئافرىدى فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ پاكىستاندا «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلىنىشىغا دائىر قارارنامە ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «قانۇننى ئاياق ئاستى قىلغانلارغا بىر دەرس بېرىپ قويۇش كېرەك ئىدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

باش مىنىستىر ئىمران خاننىڭ رەھبەرلىكىدە پاكىستاننىڭ قوشنىلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ھىندىستاندىكى كەشمىرنىڭ پۇلۋاما رايونىدا 14 - فېۋرالدا يۈز بەرگەن ۋە 44 ھىندىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ھۇجۇمنىڭ پاكىستانغا نىسبەتەن ئەندىشىلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئافىرىدى پاكىستاننىڭ ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماستىنلا ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى بەزى كۈچلەر تەرىپىدىن ئەيىلىنىشىنى شۇنداقلا ھۇجۇمغا پاكىستاننى چېتىپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان ئۈستى يېپىق باياناتلاردا بولۇنۇشلىرىنى قەتئىي تۈردە قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافىرىدى ھىندىستانلىق مەسئۇللارغا مەسىلە ھەققىدە ھەمكارلىشىش ۋە مەسىلىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش تەكلىپىدە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىققا ھەر دائىم تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر