ئامېرىكا فېدراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ قايتىدىن تاقىلىپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكا فېدراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا تاملىرىغا ئاجرىلىتىدىغان فوند مەسىلىسى سەۋەبلىك قايتىدىن تاقىلىپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

1142360
ئامېرىكا فېدراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ قايتىدىن تاقىلىپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى ردىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ 35 كۈن تاقىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان «چېگرا تاملىرى فوند»كىرىزىسى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.

دۆلەت مەجلىسىدە داۋاملىشىۋاتقان ئومۇمىي راسخوت مۇزاكىرىلىرىنىڭ، مېكسىكا چېگراسىغا سېلىنىدىغان تاملارغا ئاجرىتىلىدىغان  فوند مەسىلىسى بىلەن چېگرادىكى مەھبۇسلارنىڭ سانى توغرۇلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىنالماسلىقى تۈپەيلى ئاقساپ قېلىۋاتقانلىقى ۋە فېدراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ قايتىدىن تاقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەسئۇللار، دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

«Fox»خەۋەر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە مۇزاكىرىلەردە مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئالىي پالاتا ئەزاسى تاھسىساتلار كومىتېتى باشلىقى رىچارد شېلباي: مۇزكىرىلەر پەقەتلا ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتىدۇ، بۈگۈن ياكى ئەتە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتىشىمىز كېرەك، چۈنكى ۋاقىت ئۆتۈۋاتىدۇ، دېدى.

شېلباي، دېموكراتچىلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مېكسىكا چېگراسىغا سېلىنىدىغان تاملارغا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تەلەپ قىلغان فوندنىڭ ئاجرىتىلىشىنى قوبۇل قىلماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپمۇ تۋىتتېر ئادرېسىدا دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئەزالىرىنى تەنقىد قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «چېگرا كومىتېتىدىكى دېموكراتچىلارنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى، دەپ ئويلىمايمەن. جىددىي بەرپا قىلىنىشى كېرەك بولغان چېگرا تاملىرىغا ناھايىتى ئاز پۇل ئاجرىتىپ بېرىشنى دەۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان مەھبۇسلارنىڭ سانىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلماقتا.»

دېموكراتچىلار چېگرا تاملىرىغا 2 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق فوند ئاجرىتىلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ياقلاپ كەلمەكتە.

دېموكراتچىلار چېگرادىكى تۈرمىلەردە كارۋات سانىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى مېكسىكا چېگراسىغا سېلىنىدىغان تاملارغا، دونالد ترامپ تەلەپ  قىلىپ كېلىۋاتقان 5 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق فوندنى ۋاقىتلىق راسخوتقا كىرگۈزمىگەن تەقدىردە ياكى ھۆكۈمەت بىلەن مەجلىس ئوتتۇرىسىدا يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا ھۆكۈمەت مۇشۇ جۈمە كۈنى قايتىدىن تاقىلىدۇ.

دونالد ترامپ، 25-يانۋاردا ھۆكۈمەتنى 3 ھەپتە ۋاقىتلىق ئېچىپ تۇرۇش مەسىلىسىدە مەجلىس رەھبەرلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، 3 ھەپتە ئىچىدە چېگرا بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ھۆكۈمەتنىڭ قايتىدىن تاقىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر