ئىران ئامېرىكىنىڭ دائېشنى ئافغانىستانغا يۆتكىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېينىڭ ئالىي ھەربىي مەسلىھەتچىسى گېنېرال يەھيا رەھىم سەفەۋى، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنى ئافغانىستانغا يۆتكىگەنلىكىگە دائىر قول ئىلكىدە كونكېرت ئىستىخباراتلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1139190
ئىران ئامېرىكىنىڭ دائېشنى ئافغانىستانغا يۆتكىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەفەۋى تېھران ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئىنقىلابنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئىسرائىلىيە ۋە بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قۇللاپ قۇۋۋەتلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈدى

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكىلىقلار، سىيۇنېتسلار ۋە بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھېلە نەيرەڭلىرى نەتىجىسىدە، يۈز مىڭدىن ئارتۇق دائېش ئەزاسىنى سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ بېشىغا بالا قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خوراسان خەلىپىلىكىنى قۇرۇشنى داۋا قىلغان تېررورچىلارنى ئىرانغا يوللىماقچى بولدى ۋە بۇ ئىش ئۈچۈن ئۇلارغا بىر ئەمىر تەيىنلەپ بەردى»

يەھيا رەھىم سەفەۋى: «ئامېرىكلىقلارنىڭ ئەمدىلىكتە بولسا، دائېش ئەزاسى تېررورچىلارنى ئافغانىستانغا يۆتكىگەنلىكىگە دائىر ئىستىخباراتقا ئىگىمىز» دېدى.

ئافغانىستاندا يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان تالىبان ۋە دائېش تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئاساسلىق كۆپ قىسمى پۇقرالاردىن تەركىپ تاپقان يۈزلىگەن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئافغانىسان تالىبان بىلەن دائېش تېررورچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ سەھنىسىگە ئايلاندى.

ھامانېي ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئۇچۇقتۇرۇلغان دائېشنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئافغانىستانغا يۈزلەندۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئافغانىستاندا يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋە يۈزلىگەن كشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ھامانېي ئامېرىكىنىڭ بۇ ئارقىلىق رايوندىكى مەۋجۇتلىقىغا ئاساس ياراتماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تالىبان بىلەن تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئامېرىكا ئەگەر تالىبان بىلەن كېلىشەلىگەن تەقدىردە، ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى پىلانلىماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر