ئىران 50 مىڭ مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلىشقا تەييارلانماقتا

ئىران ئەدلىيەسى باشلىقى سادىق لارىجانى، ئىنقىلابنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 50 مىڭ مەھبۇس توغرىسىدا كەچۈرۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1138848
ئىران 50 مىڭ مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلىشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لارىجانى، پايتەخت تېھراندا چاقىرىلغان ئىران يۇقىرى سوتى خادىملىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىنقىلابنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنىدىغان كەچۈرۈمنامە توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ۋە 50 مىڭ ئادەم پايدىلىنىدىغان كەڭ دائىرىلىك مەزكۇر كەچۈرۈم تەلىپىگە ئىراننىڭ دىنىي لىدېرى ئەلى خامەنېينىڭ ئومۇمەن ئىجابىي قارىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران ئەدلىيە باشلىقى لارىجانى، كەچۈرۈمنىڭ «سىياسىي مەھبۇسلار» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى توغرىسىدىكى تەلەپلەر ھەققىدە توختىلىپ، «ئەپسۇسكى، بەزىلەر بۇ كاتتا قەدەمنى سىياسىيلاشتۇرماقتا ۋە كەچۈرۈمنىڭ <سىياسىي تۇتقۇنلار> نى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بىراق، بىزدە سىياسىي مەھبۇس يوق. يەنە بىر قاتلام، كەچۈرۈمنىڭ تەنقىدلىگۈچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇلارنىڭ قارىشىچە، بىرلىرى پەقەت تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىدە. بۇ بۈيۈك بىر يالغان. ئەدلىيە ھېچقاچان تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن بىرىنى تەقىبلەشكە ئالمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىران ئاساسىي قانۇنىنىڭ 110 – ماددىسىنىڭ 11 – بۆلۈمىدە، خامەنېينىڭ مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىش سالاھىيىتى بارلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇ، ئىران ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر يىلى ئىنقىلابنى خاتىرىلەش كۈنى باشتا بولۇپ ھېيت – بايرام ۋە باشقا دىنىي كۈنلەردە مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر