ئىران گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران ھۆكۈمىتى گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكا دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1131152
ئىران گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ھۆكۈمىتى، گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىرانغا تەۋە ماھان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلان سەپەرلىرىگە رۇخسەت قىلماسلىقىغا، شۇنداقلا ئامېرىكادا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى قانىلى دىكتورى مەرزىيە ھاشىمنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى قاسىمى بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىدىن ئەپسۇسلانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەنىڭ ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ھاشىمى: بۇ ئىش ئىران-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن بىئارام بولۇپ كېلىۋاتقان بەزى كۈچلەرنىڭ خاتا مەلۇمات بېرىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، دېدى.

گېرمانىيە قاتناش مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سىمون بۇسېر مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى، فېدارتىپ تاراتقۇ مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، ئىران ماھان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش رۇخسىتىنى بىكار قىلىۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

باياناتچى بۇسېر، ئىران ئىستخبارات ئىدارىسىنىڭ ياۋروپادا قويۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى، شۇنداقلا ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ  ئوتتۇرا شەرق رايونىدا نوپۇزىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى قاتارلىق تۈپەيلى، گېرمانىيە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇشۇنداق قارار چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاسىمى يەنە، ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى دىكتورى مەرزىيە ھاشىمىنىڭ ئامېرىكادا تۇتقۇن قىلىنىشى توغرۇلۇق توختالغاندا، ئامېرىكانىڭ ئىراندىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ كېلىۋاتقان شىۋېتسارىيەنىڭ تېھران ئەلچىسى ماركۇس لېيتنېرنىڭ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

قاسىمى مۇنداق دېدى: «دىكتور مەرزىيە ھاشىمىنى تۇتقۇن قىلىش مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىدىن ئىران ھۆكۈمىتى قاتتىق بىئارام بولدى، بىز نارازىلىقىمىزنى شىۋېتسارىيەنىڭ تېھران ئەلچىسىگە يەتكۈزدۇق.»

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىغا قاراشلىق ئىنگلىزچە خەۋەر تارقىتىدىغان  «تاراتقۇ تېلېۋىزىيە»سىنىڭ دىكتورى تېگى ئامېرىكىلىق بولغان قارا تەنلىك ئايال ژۇرنالىست مەرزىيە ھاشىمى، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكادىكى ئائىلىسىنى يوقلاش ئۈچۈن  مىسسورى ئىشتاتىغا كەلگەندە  نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

«تاراتقۇ تېلېۋىزىيەسى»قانىلى، مەرزىيە ھاشىمىنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا تايىنىپ بەرگەن خەۋىرىدە، مەرزىيە ھاشىمىنىڭ ئامېرىكا فېدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن ۋاشىنگىتوندىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە، ئىرانلىق ژۇرنالىست مەرزىيە ھاشىمى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش ئەسناسىدا ئۇنىڭدىن ياغلىقىنى ئېلىۋېتىش تەلەپ قىلىنغانلىقى، شۇنداقلا نازارەتتىكى ۋاقتىدا ھالال يېمەك-ئىچمەكلەر بېرىلمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر