پومپېيو دائېش، شىمالىي كورېيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان سودا ئىختىلاپى قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئىراق ۋە سۈرىيەدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1131359
پومپېيو دائېش، شىمالىي كورېيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان سودا ئىختىلاپى قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپېيو، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋاقىتلىق خامچوت كىرىزىسى تۈپەيلى فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىشىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، شىۋېيتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن داۋوس باشلىقلار يىغىنىغا ھەيئەت ئەۋەتمەسلىك قارارى يۈزىسىدىن سىن يىغىن يولى ئارقىلىق 49 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ مەخسۇس بۆلۈمىگە ئىشتىراك قىلدى.

سۆزى جەريانىدا ئوتتۇرا شەرقتە يېقىنقى كۈنلەردە ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن پومپېيو، ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە قېتىلغان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە سۇرىيە ۋە ئىراقتا دائېشنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «يەنە قىلىنىشى كېرەك بولغان نۇرغۇن ئىش بار. سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بىلەن غەلىبە قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىمەن» دېدى.

ئۇ، يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ بۇ يىل ئاخىرلىشىپ – ئاخىرلاشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «(يەمەن مەسىلىسىدە) ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىدىغانلىقىزدىن ناھايىتى ئۈمىدۋارمەن» دېدى.

مايك پومپېيو، ھۇسىيلارنى دېكابىر ئېيىدا شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىمىگە رىئايە قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ يەنە، بەزى پارس قولتۇقى ئەللىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە يەمەن مەسىلىسىگە چارە تاپىدىغانلىقلىرىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا ئىختىلاپىغا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە 30 – يانۋاردا پايتەخت ۋاشىنگتونغا بارىدىغان خىتاي ھەيئىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەردىن ئىجابىي ئۈنۈم كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن پومپېيو، ئالدىمىزدىكى ئاينىڭ ئاخىرىدا شىمالىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يادرو سۆھبەتلىرىدىمۇ تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇ، فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭمۇ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتىدىن ئېچىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ يىل 49 – قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن داۋوس باشلىقلار يىغىنىغا 110 دۆلەتتىن 3 مىڭدىن ئارتۇق سودا – سانائەتچى، سىياسەتچى، تەتقىقاتچى ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر