زەرىف ئامېرىكىنى قارا تەنلىك پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنى قارا تەنلىك پۇقرالىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

1130804
زەرىف ئامېرىكىنى قارا تەنلىك پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، ئامېرىكىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ قارا تەنلىك ئايال دىكتورى مەرزىيە ھاشىمىنىڭ سوتتىكى سۆزلىرى ئاخىرلاشقۇچە نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى بىر ژۇرنالىست ۋە چوڭ ئانا بولغان مەرزىيە ھاشىمىنىڭ كۆپ ساندىكى ھەيئەتنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ بولغۇچە قاماق تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى قانداق بىر قېچىش خەۋپىنىڭ تەقەززا قىلغانلىقىغا ئىزاھات بېرىشمىدى» دېدى.

ئۇچۇرىنىڭ داۋامىدا، ئامېرىكىلىق داڭلىق قارا تەنلىك پائالىيەتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى مارتىن لۇتېر كىڭنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئىشارەت قىلغان مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، «ئامېرىكا مارتىن لۇتېر كىڭ سۇيىقەستىدىن 50 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ قارا تەنلىك ئەر – ئاياللارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى قارمىقىدا ئىنگلىزچە تارقىتىش بېرىدىغان خەۋەر قانىلى Press TV نىڭ ئەسلىي ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك ئايال دىكتورى مەرزىيە ھاشىمى ئۆتكەن ھەپتە ئائىلىسىنى يوقلاش ئۈچۈن بارغان مىسسورى ئىشتاتىغا قاراشلىق ست.لۇئىس شەھىرىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

Press TV ژۇرنالىست مەرزىيە ھاشىمىنىڭ تۇغقانلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، ھاشىمىنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن ۋاشىنگتوندىكى نازارەتخانىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى. خەۋەردە، ئىرانلىق ژۇرنالىست نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئەسنادا ياغلىقىنى ئېلىپ تاشلاشقا مەجبۇرلانغانلىقى ۋە نازارەتخانىدا ھالال تائاملاردىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ۋاشىنگتون رايونلۇق مەھكىمىسىنىڭ ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھاشىمى بىر تەكشۈرۈش دائىرىسىدە «ماددىي گۇۋاھچى» سۈپىتىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

ئامېرىكا قانۇن سىستېمىسىدا ھەرقانداق بىر دېلوغا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ھالقىلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە دەپ قارالغان كىشىلەر «ماددىي گۇۋاھچى» دەپ قارىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىش قارارى چىقىرىشقا بولىدۇ.

ھاشىمىنىڭ قايسى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ سوتتىكى سۆزلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر