ترامپ ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ داۋوس زىيارىتىنى بىكار قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ھەيئەتنىڭ زىيارىتىنى بىكار قىلدى.

1128589
ترامپ ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ داۋوس زىيارىتىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ترامپنىڭ فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ تاقاق بولۇشى سەۋەبىدىن داۋوسقا بارىدىغان ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ زىيارىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، داۋوستا چاقىرىلىدىغان «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «دېموكراتلارنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇرەسسەلەشمەس پوزىتسىيە سەۋەبىدىن <دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى> يىغىنى ئۈچۈن شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىگە قىلىدىغان ساياھىتىمنى بىكار قىلىمەن، <دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى> يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن، يىغىنغا قاتنىشالمايدىغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن.»

ئىگىلىنىشىچە، «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنى، 23 – 26 – يانۋار كۈنلىرى شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە چاقىرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر