كولومبىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

كولومبىيەنىڭ گېنېرال سانتاردېر ساقچى مەكتىپىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 21 گە يەتتى.

1128298
كولومبىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغان كولومبىيەنىڭ پايتەختى بوگوتانىڭ جەنۇبىدىكى ساقچى مەكتىپىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 21 كىشى ئۆلگەن، 68 كىشى يارىلانغان. ساقچى تەرەپ كولومبىيەلىكلەردىن ھۇجۇم توغرۇلۇق بىلىدىغانلىرىنى ئورتاقلشىىشىنى تەلەپ قىلغان، ھەمدە جاۋابكارلارنىڭ چوقۇم قولغا چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بوگوتا شەھەلىك ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە ئىشلىرى باشقارمىسى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 11 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 87 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر