ترامپ: مەن ھېچقاچان رۇسىيە ئۈچۈن ئىشلەپ باقمىدىم

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ ھېچقاچان رۇسىيە ئۈچۈن ئىشلەپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1125932
ترامپ: مەن ھېچقاچان رۇسىيە ئۈچۈن ئىشلەپ باقمىدىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقساراينىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

«نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» دە چىققان ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» نىڭ ترامپتىن پىرېزىدنتلىق ۋەزىپسىگە ئولتۇرغان 2017 يىلىدا رۇسىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

ترامپ بىر مۇخبىرنىڭ، «رۇسىيەگە ئىشلىدىڭىزمۇ ياكى ئىشلىمىدىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بۇنى سورىشىڭمۇ چوڭ بىر شەرمەندىچىلىك، چۈنكى بۇ بىر چوڭ ئالدامچىلىق» دېدى.

نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ترامپنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جامېس كومېينى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىنكى ھەرىكەتلىرىنىڭ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن ياكى شەكىللەندۈرمىگەنلىكىگە دائىر تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

خەۋەردە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ يەنە، ترامپنىڭ بىلىپ تۇرۇپ رۇسىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ۋەياكى ئۆزى ھېس قىلماستىن رۇسىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان ياكى قالمىغانلىقىنىمۇ تەكشۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 2016يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى جەريانىدا ترامپنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغانلىقى، ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 2017  يىلىدا بولسا، بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش باشلىغانلىقى ھەمدە شۇ مەزگىللەردە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ  باشلىقى جامېس كومېينىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنىڭ گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر