سەئۇدى ئەرەبىستان دەمەشقتە ئەلچىخانا ئاچمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
سەئۇدى ئەرەبىستان سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە ئەلچىخانا ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ راست ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
1126124
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، رىيادنىڭ سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە ئەلچىخانا ئېچىش توغرۇلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم ئەلئەسساف مەنبە كۆرسىتىلىپ تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دەمەشقتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ كېلەر پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.