پادىشاھ سەلمان بىلەن مايك پومپېيو كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن پادىشاھ سەلمان بىن ئابۇلئەزىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى.

1125280
پادىشاھ سەلمان بىلەن مايك پومپېيو كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى دائىرىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ كېلىپ پادىشاھ سەلمان بىن ئابۇلئەزىز بىلەن كۆرۈشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، پادىشاھ سەلماننىڭ مىنىستىر مايك پومپېيونى رىيادتىكى يەمامە سارىيىدا قوبۇل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

بىن سەلماننىڭ يەمامە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشتە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردىن سىرت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭمۇ كېڭەش قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇ كۆرۈشۈشلەرگە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ئەلچىسى خالىد بىن سەلمان، مىنىستىر مۇسايىد بىن مۇھەممەد ئەل ئايبان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم بىن ئابدۇلئەزىز ئەل ئاسساف، تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئادىل ئەل جۇبەير، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بولسا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا شەرق رايونى مەسئۇلى دېيۋىد ساتتېرفېلد، خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمىس جېففرېي ۋە باشقا بەزى مەسئۇللارمۇ قاتناشتى.

ئامېرىكانىڭ رىيادتىكى ئەلچىخانىسىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مايك پومپېيو بىلەن  تەخت ۋارىسى بىن سەلماننىڭ يەمەندىكى توقۇنۇشلارنى تۈگىتىشنىڭ يېگانە چارىسىنىڭ سىياسىي دىيالوگ ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يەمەندە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش ئۈچۈن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ۋە شىۋېتسىيەدە تۈزۈلگەن يەمەن كېلىشىمىگە دائىر ماددىلارغا رىئايە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكەن پومپېيو بىلەن سەلماننىڭ، يەمەننىڭ ھۇدەيدە شەھىرىدە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىردەك تەكىتلەشكەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى.

ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقنى ئىككىنچى قېتىم زىيارەت قىلغان  مايك پومپېيو، رىيادتا تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئادىل ئەل جۇبەير ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋاشىنگىتون ئەلچىسى خالىد بىن سەلمان تەرىپىدىن كۈتۈۋۋېلىندى.

جۇبەير بىلەن پومپېيو كۈتۈۋېلىشتىن كېيىن ئامېرىكا-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيونىڭ ئامېرىكادا قاتنىشىشقا تېگىشلىك بىر دەپنە مۇراسىمى سەۋەبلىك ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر