فىرانسىيە نامايىشلاردا ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنى قاتتىق جازالاشقا تەييارلانماقتا

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى نامايىشلاردا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئارىلاشقۇچىلارنى تېخىمۇ قاتتىق جازالاندۇرۇشقا تەييارلانماقتا.

1121434
فىرانسىيە نامايىشلاردا ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنى قاتتىق جازالاشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە رۇخسەتسىز ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا كېلىپ چىققان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئارىلاشقۇچىلارنى جازالاندۇرۇشقا تەييارلانماقتا.

فىرانسىيەنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىغا خاتىمە بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئېدوۋارد فىلىپ، « TF1»ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىۋاستە تارقىتىش پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

بۇلتۇر 17-نويابىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ۋەقەلەردە 5600 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان فىلىپ، رۇخسەتسىز نامايىش ئۆتكۈزگەنلەر ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئارىلاشقانلارنى تېخىمۇ قاتتىق جازالاش ئۈچۈن يېڭى قانۇن چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر فىلىپ بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن بولسىمۇ، سېرىق جىلىتكىلىكلەر يەنىلا ئالدىمىزدىكى شەنبە كۈنى فىرانسىيە مىقىياسىدا نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى. ھۆكۈمەت بولسا نامايىشلاردا 80مىڭدىن ئارتۇق ساقچىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سېرىق جىلىتكىلىكلەر بۇلتۇر 17-نويابىردا يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى، ھازىرغىچە داۋاملاشقان نامايىشلاردا 10 ئادەم ئۆلۈپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر