خىتاي تاشقى پلانېتقا 7 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى
خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان جىيۇچۇەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن 7 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلدى.
![خىتاي تاشقى پلانېتقا 7 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0b79/4c75/5e4e/5c27784e2540c.jpg?time=1718872841)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى پلانېتقا 6 كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى بىلەن 1 ئالاقە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان جىيۇچۇەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن يۇنخەي-2 تىپلىق 6 كۆزىتىش سۈنئىي ھەھراھى بىلەن، 1 ئالاقە سۈنئىي ھەمراھىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئالاقە سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مودېلى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىگەن خەۋەردە، يۇنخەي -2 تىپلىق سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ئاتموسفېرا ۋە تاشقى پلانېتتا كۆزىتىش، تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش، شۇنداقلا ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
چاڭ-4 تىپلىق ئىنسانسىز كەشپىيات ئاپپاراتىنى بۇ يىل 7-دېكابىردا ئاينىڭ قاراڭغۇ قىسمىغا يوللىغان خىتاي، چاڭ-5 تىپلىق ئىنسانسىز كەشپىيات ئاپپاراتىنى كېلەر يىلى ئاينىڭ ئۆزىگە ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا.
مارسقا تۇنجى كەشپىيات ئاپپاراتىنى 2020-يىلى ئەۋەتشنىڭ پىلانىنى تۈزگەن خىتاي، 2029-يىلىمۇ يۇپىتېرغا ئىنسانسىز كەشپىيات ئاپپاراتىنى ئەۋەتىشنى نىشان قىلماقتا.