تېررورۇق تەشكىلاتى دائېش سۈرىيەدىكى ئاخىرىقى قەلئىسىنىمۇ قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى

تېررورۇق تەشكىلاتى دائېش دەيرىزور ناھىيەسىگە قاراشلىق ھەججىن ناھىيە مەركىزىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى.

1112840
تېررورۇق تەشكىلاتى دائېش سۈرىيەدىكى ئاخىرىقى قەلئىسىنىمۇ قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەيرىزوردىكى يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى دەيرىزور ناھىيەسىگە قاراشلىق ھەججىن ناھىيە مەركىزىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك بىلەن دائېش ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشتىن كېيىن دائېش تېررورچىلىرى ناھىيە مەركىزىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن فىراتنىڭ شەرقىدىكى ناھىيە مەركىزى ي پ گ/ پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىغا ئۆتۈپ، دائېش دەيرىزوردىكى ئاخىرىقى قەلئەسىدىن قۇرۇق قالغان.

ناھىيە مەركىزىنىڭ كونتىروللۇقى ئالماشقاندىن كېيىن، دائېشنىڭ دەيرىزوردىكى مەۋجۇتلۇقى، ئەتراپتىكى شىفە، تۆۋەن ۋە يۇقىرى بوغاز، سۈسە، باھاسان ۋە ئالبۇخاراتىر يېزىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە دەيرىزورنىڭ شەرقى ۋە شىمالىي قىسمىنى ئىشغالىيەت ئاستىغا تۇتۇپ تۇرماقتا ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ ھاۋادىن، فىرانسىيەنىڭ بولسا قۇرۇغلۇقتىن توپچى قىسىملىرى بىلەن ياردەم قىلىشى سايىسىدا ي پ گ/ پ ك ك 11سىنتەبىردە دائېشنى دويرىزوردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.

دويرىزورنىڭ غەربىي قىسمى بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ كونتىروللۇقىدا تۇرماقتا.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك سۈرىيە زېمىنىنىڭ تەخمىنەن ئۆچتەن بىر قىسمىنى ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر