نىگېرىيەدە نۇرغۇن بالىلار ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى

نىگېرىيەنىڭ كادۇنا ئۆلكىسىدە يېقىنقى 10 ئاي ئىچىدە يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلىنالماسلىق سەۋەبىدىن 132 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1111287
نىگېرىيەدە نۇرغۇن بالىلار ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كادۇنا ئۆلكىلىك ئۇزۇقلىنىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھاجىيا ھائۇۋا ئوسماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى 10 ئاي ئىچىدە يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلىنالماسلىق سەۋەبىدىن 132 بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان، دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 12 مىڭ 858 بالىدىن 10 مىڭ 604 ى داۋالاپ ساقايتىلغان. بەش ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ % 11 سى يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلىنالماسلىق خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ بالىلاردىن % 47 تى فىزىكىلىق جەھەتتىن نورمال ئۆسۈپ يېتىلەلمەسلىك خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ ناساراۋا ئۆلكىسىدە يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلىنالماسلەق سەۋەبىدىن يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە 30 بالىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، نىگېرىيەدە بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇملىرى، يايلاق توقۇنۇشلىرى ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن، تەخمىنەن 35 مىليون بالا يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلىنلماسلىق خەۋىنى باشتىن كەچۈرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر