سەئۇدى ئەرەبىستان چىرىكلىككە زەربە بېرىش خىزمەتلىرىدىن 100 مىليارد دوللار«كىرىم» قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان مالىيە مىنىستىرى مۇھەممەد ئابدۇللا ئەل جەدان، چىرىكىلىككە زەربە بېرىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە تەخمىنەن 100 مىليارد دوللار كىرىم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1109636
سەئۇدى ئەرەبىستان چىرىكلىككە زەربە بېرىش خىزمەتلىرىدىن 100 مىليارد دوللار«كىرىم» قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان مالىيە مىنىستىرى مۇھەممەد ئابدۇللا ئەل جەدان، چىرىكىلىككە زەربە بېرىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە تەخمىنەن 100 مىليارد دوللار كىرىم قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى-سىپانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مالىيە مىنىستىرى مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئەل جەداننىڭ 2019-يىللىق دۆلەت راسخوتى توغرۇلۇق ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، چىرىكلىككە زەربە بېرىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە 100 مىليارد دوللار كىرىم قىلىنغانلىقىنى، بۇ يىل دۆلەت خەزىنىسىگە 50 مىليارد ( 13 مىليارد دوللار) رىيال كىرىم قىلىنغانلىقىنى دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مىنىستىر جەدان كېلەر يىلىمۇ دۆلەت خەزىنە ئىدارىسىنىڭ چىرىكلىككە زەربە بېرىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە زور كىرىمگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن 2017-يىلى 4-نويابىردا چىقىرىلغان خانلىق پەرمانىدا چىرىكىلىككە مەخسۇس زەربە بېرىش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىش قارار قىلىنغان بولۇپ، بۇ كومىتېتقا گۇماندارلارنى تۇتقۇن قىلىش، مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىش قاتارلىق ھوقۇقلار بېرىلگەندىن سىرت، مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە پادىشاھنىڭ ئوغلى تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلمان  تەيىنلگەنىدى.

كومىتېت قۇرۇلغاندىن كېيىنلا دەرھال باشلىغان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 381 شەخستىن 325ى ئۇزۇن ئۆتمەيلا قويۇپ بېرىلدى، قالغان 56 كىشى ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىدى.  

تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلار ئىچىدە خان مۇھاپىزەتچىلىرى مىنىستىرى شاھزادە مۇتاب بىن ئابدۇللا ۋە مىلياردنېر ۋەلىد بىن تالالغا ئوخشاش نۇرغۇن شاھزادە، مىنىستىر ۋە كارخانچىلار بار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر